Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉蒂芬丁
دۇنيا تارىخى
لاتىفۇندىئۇم
قەدىمكى رىمدىكى چوڭ يەر تۈزۈمى. لاتىن تىلىدىكى latus (كەڭ)، fundus (يەر، يەر - مۈلۈك) دېگەن مەنىدە بولۇپ، چوڭ يەر - مۈلۈك تۈزۈمى ياكى چوڭ ئىمىنىيە تۈزۈمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە) دە، ئۇششاق يەر تۈزۈمى (ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى) ئاساسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، رىم ئىتالىيەنىڭ بويسۇندرۇش جەريانىدا يەرلەر مەركەزلىشىپ، ئوتتۇرا كۆلەمدىكى ئىمىنىيىلەر (ۋىللا دەپ ئاتىلىدۇ) مەيدانغا كەلگەن. رىمنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ) چوڭ ئەمەلدارلار قاتلىمى دۆلەتنىڭ <جامائەت يەرلىرى>نى ئىگىلىۋېلىش ۋە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق تەدرىجىي يوسۇندا ئىتالىيە، سىتسىلىيە، چەت ئۆلكە (شىمالىي ئافرىقا) لەردە لاتىفۇندىئۇمنى شەكىللەندۈرگەن. رىم جۇمھۇرىيەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن ئېمپېرىيەنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى Ⅱ Ⅰ ئەسىر) گىچە قۇللارنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلغان لاتىفۇندىئۇم غايەت زور كۆلەمگە يېتىپ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن يەرلەر 1000 يوگېردىن بىرنەچچە مىڭ يوگېر (بىر يوگېر تۆتتىن بىر گېكتارغا تەڭ) گە يەتكەن. يەرلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات (مەسىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئاكا - ئۇكا گراكخ ئىسلاھاتى) لار مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. نەتىجىدە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن ۋەيران بولۇپ، ليومپىن پرولېتارلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن. دېھقانلارنى ئاساس قىلغان رىم ئارمىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى تېز كېمەيگەن، ئەسلىدىن بار بولغان باي - كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت باراۋەرسىزلىك تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان. لاتىفۇندىئۇمنىڭ بارلىققا كېلىشى رىم قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى (بولۇپمۇ دېھقانچىلىق) نىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي زىددىيەتمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن رىم كولۇنىستلار تۈزۈمى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ چوڭ يەرلەر كىچىك ئۈلۈشلۈك يەرلەرگە ئاجرىتىلىپ، بېقىندى دېھقانلار ياكى بېقىندى دېھقانلار سالاھىيىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىجارىگە بېرىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېينكى مەزگىلىدىكى چوڭ يەر تۈزۈمى ئومۇمەن ئېيتقاندا باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە بۇرۇنقى لاتىفۇندىئۇمغا ئوخشاشمايدۇ.