Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉巴特
دۇنيادىكى شەھەرلەر
رابات
ماراكەشنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 893 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). 1912 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ماراكەشنىڭ كونا پايتەختى فېس شەھىرىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن پايتەختنى رابات شەھىرىگە يۆتكەپ كەلگەن. رابات قەدىمىي شەھەر بولۇپ، 1150 - يىلى ماراكەشنىڭ مۇۋاشىد پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا مۆمىن ئالجىرىيە بىلەن تۇنىسقا ئەسكەر يۆتكەش ھەمدە دېڭىزنى بېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە بېرىش ئۈچۈن قەدىمىي شەھەر سالىيىنىڭ ئەتراپىدا <رىبات پاتىخ> دېگەن بىر ھەربىي پونكىت قۇرغان، بۇ پونكىتنىڭ خارابىلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا. رابات شۇ ھەربىي پونكىت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. رابات ماراكەشنىڭ سودا - سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، گىلەم توقۇش، تېرە - خۇرۇم، فار فور قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
تارىخ,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
lā ba tè
راباتDئۇنىۋېرسال
lā ba tè
رابات