—مەنبە
كېۋەز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كېۋەزگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ياڭاققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك تالا (پاختا) بىلەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇقى (چىگىتى) بولىدۇ. تالاسى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتى، غوزا شاكىلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتىنى كېۋەز چىغىرىقلانغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ خام ھالەتتە ياكى قورۇپ؛ غوزا شاكىلىنى كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ سوقۇپ ياكى قورۇپ سوقۇپ، يىلتىزىنى كۈزدە كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يۇلۇۋېلىپ، شاخ ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تولۇق نەمدەپ يالپاقلاپ توغراپ، خام ھالەتتە ياكى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈت كۆپەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، يۆتەل ۋە دەم سىقىشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ كېۋەز يىلتىزى 15 ~ 30 گرام، كېۋەز چىگىتى 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام كېۋەز چىگىتىنى، 10 گرام كەتىرا، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
28 گرام قورۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 12 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 ~ 20 گرام كېۋەز غوزا شاكىلىنى سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ تارىيىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان كېۋەز چىگىتىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام كېۋەز يىلتىزىنى 15 گرام خام جىزچياۋ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەتتە تال پىشمىغان كۆك كېۋەز غوزىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام قورۇپ سوقۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 35 گرام نېلۇپەر گۈل تېگى، 20 گرام قارا شېكەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام چىگىتتە ياغ تارتىپ، كۈندە ئىككىدىن تۇخۇمنى چىگىت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىگىت مېغىزىدىن 5.2 كىلوگرام، چاكاندىدىن 750 گرام، ئۆرۈك مېغىزدىن بىر كىلوگرام ئېلىپ، چىگىتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، پوستى سويۇۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى ئايرىم قورۇپ، قورۇلغان دورىلارنى چاكاندا بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زۇكام، يۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مىسال
بۇ يىل كېۋەز ھوسۇلى ياخشى بولدى.
تەرجىمە: Cotton yield was good this year.
common plant name
مەنبە
دائىرە: يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىكېۋەزنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزگە كىرگەن، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى ئىچكىرىنىڭكىدىن بالدۇر.13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى (يۈەن سۇلالىسى مەزگىلى)دا مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك كېۋەز تېرىلىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. يۈەن سۇلالىسىدىكى سۇڭجياڭ ۋۇنىدىكى جىڭجېن (ھازىرقى شاڭخەيدىكى خۇاجىڭجىن بازىرى) دىكى خۇاڭداۋپو دېگەن كىشى پاختا توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
ئېلىمىز كېۋەز تېرىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، مەسىلەن، مۇۋاپىق پەيتتە بالدۇر تېرىش، «10 يىل بالدۇر بولسا،9 يىل ياخشى ھوسۇل چىقىدۇ»، ئەتىيازدا تېرىغاندا «4-ئايدا مايسا كۆرۈنىدىغان» ۋاقىتتا تېرىش؛ ئوزۇقلۇق قاچىسىدا، سۇلياۋ يوپۇق ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش؛ ئېتىز پەرۋىشىدە ئارىسىنى بوشىتىش، ئوغۇتلاش، شاخ چاتاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇش. شەنشىنىڭ ۋېنشى ناھىيىسىدىكى مەشھۇر كېۋەز ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ جىچاڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «سوغۇق مايسىزارلىقتا ئۆستۈرۈش»، «بىخ مايسىنى كۆچۈرۈش» قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ياراتتى؛ ئارقىدىنلا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۆپ يىل تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق «كۆپ غوللۇق قوش قەۋەتلىك» يېڭىچە كېۋەزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ خىل كېۋەزدە ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى قەۋەت مېۋە شېخى بولۇپ، قۇياش نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ، ئارىسىدىن شامالنىڭ ئۆتۈشى ياخشى بولغاچقا، كېۋەز تۈپى كۆپ غوزا تۇتىدۇ، غۇنچىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، پاختا مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئېلىمىز پاختىسىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، پاختا توقۇلمىلىرى يەڭگىل، يۇمشاق، رەڭدار بولۇپ، كىشىلەرنى نەپىس كىيىم - كېچەك خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى ئالىملىرى ئاشلىق، پاختا، ماي قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، يەنى تالاسى ئۇزۇن، سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلاتى يۇقىرى؛ ئۇرۇقىدىن يېمەكلىك ماي ئالغىلى بولىدىغان؛ غولى، شېخى، ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تىپتىكى كېۋەز يېتىشتۈرۈپ چىقتى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بەزى دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىملىرى «رەڭلىك پاختا» نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇ خىل پاختىدىن تۈرلۈك تەبىئىي رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.