Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۋانت بىئولوگىيىسى
دائىرە: بىئولوگىيە量子生物学
liàngzǐshēngwùxué
سۇبمولېكۇلا بىئولوگىيىسى ياكى ئېلېكترون بىئوخىمىيىسى دەپمۇئاتىلىدۇ. ئۇ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ نەزەرىيە، ئۇقۇم ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھاياتلىق ھادىسلىرىىنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئېلېكترون سەۋىيىسىدە تۇرپ چۈشەندۈرىدىغان، ھاياتلىقنىڭ جەريانى ۋە ماھىيتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مولېكۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرى ئارقا - ئارقىدىن مولېكۇلا سەۋىيىسىگە كىردى. مولېكۇلىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ئۇلارنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلېكترونلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى ئېلېكترونلارنىڭ ھەرىكىتى كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى. شۇڭا كۋانت بىئولوگىيىسى كۋانت مېخانىكىسى بىلەن مولېكۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىدا ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات.
مائارىپ,تېببىي
量子生物学
liàng zǐ shēng wù xué
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.