Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۋاڭجۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
光州学生运动
guāng zhōu xué shēng yùn dòng
چاۋشيەننىڭ ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى. 1929 - يىلى 10 - ئايدا، كۋاڭجۇ (جېئونرا - نامدودا) ئوقۇغۇچىلىرى ياپون ئوتتۇرا مەكتە ئوقۇغۇچىسىنىڭ چاۋشيەن ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنى ۋەھشىيلىك بىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ياپونىيە ژاندارما دائىرىلىرى دەرھال ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. چاۋشيەننىڭ بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلىرى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، يەنە بىرمۇنچىلىرى قولغا ئېلىنغان. ياپونىيىنىڭ زاراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇ يىلى 11 - ئايدا جېئونرا نامدونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايىش قىلغان، ئىشىچلار ئىش تاشلىغان. 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. كۈرەش داۋامىدا، شىنگەنخۇي كۋاڭجۇغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلار كۈرىشىنى قوللىغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ياپونىيىنىڭ زوراۋانلىقىنى كەڭ ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، مۇستەملىكىچىلىك مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئاخىرى ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقان مەكتەپ تەخمىنەن 194 كە، ئوقۇغۇچى 54 مىڭدىن ئارتۇقراققا يېتىپ، چاۋشيەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدا مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالغان.