Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇزا
دۇنيا تارىخى
(1820 - 1873) مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيە بىرلەشمە كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى (1859 - 1862)، رۇمىنىيە كىنەزى (1862 - 6618). مولدوۋادىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژ، پاۋىيە، بولۇنىيىلەردە ئوقۇغان. 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مولدوۋا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1850 - يىلى قايتىپ كېلىپ، مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيىدىن ئىبارەت ئىككى كىنەزلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. 1859 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە 24 - كۈنى ئايرىم ھالدا ئىككى كىنەزلىكنىڭ كىنەزى قىلىپ سايلانغان. تەختكە چىققاندىن كېين ھەرخىل ئىسلاھات بىلەن شۇغۇللانغان. 1862 - يىلى مولدوۋا كىنەزلىكى بىلەن ۋالاخىيە كىنەزلىكىلىرىنى رومىنىيە كىنەزلىكىگە بىرلەشتۈرگەن. چېركاۋنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان، سايلىغۇچىلارنىڭ ياش ۋە مال - مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى تۆۋەنلەتكەن، كاپىتالىزم تەرەققىياتىنى ئىلگىرلەتكەن. سىرتقا قارىتا ۋېنگرىيە، پولشا ئىنقىلابىي مۇساپىرلار تەشكىلاتلىرى ۋە بالقان يېرىم ئارىلى ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ كەلگەن. 1866 - يىلى 2 - ئايدا <نورۇز ئىتتىپاقى> سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان، كېيىن گېرمانىيەنىڭ گېدېلبېرگدا ۋاپات بولغان.