Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۇروپاتكىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى库罗帕特金
kù luó pà tè jīn
(1848 - 1925) روسىيلىك گېنېرال پولكوۋنىك. باش شتاب ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1866 - 1871 ۋە 1875 - 1877 - يىللىرى تۈركىستان ھەربىي رايونىدا خىزمەت ئۆتەپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تالان - تاراج قىلىش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1877 - 1878) مەزگىلدە شتاب ئوفىتسىرى بولغان، كېيىن باش شتابتا ئۇزۇن ۋاقىت (1883 - 1890)ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1898 - 1905 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى (1904 - 1905) مەزگىلىدە مانجۇرىيىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شېنياڭ جېڭىدە (1905 - يىل مارت) مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە شىمال ئۇرۇش سېپىگە قوماندانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1916 - يىلى تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ تۇرغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن سەھرادا پىنھان ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.