Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇردىستان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1922 - يىلى ئىراندىكى كۇردلار مىللىي زۇلۇمغاقارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. 1921 - يىلى رىزا شاھ پەھلىۋى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىدە ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى يولغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى كۆچمەن قەبىلە خانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1922 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۇردىستاندا قوزغىلاڭ پارتلىغان. كۇردلار ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان، ھەتتا مۇستەقىل كۇردىستان قۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويغان. كەڭ كۇرد خەلقى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ داۋامىدا بەزى كۇرد خانلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىغا يېتىش كويىدا بولغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا رىزا شاھنىڭ قوشۇنلىرى كۇردلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.