Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇپرىن
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1938) روسىيلىك يازغۇچى. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارمىيە خىزمەت قىلغان. 1894 - يىلى ھەربىي سەپتىن بوشانغان. پرىستان ئىشچىسى، ئارتىس ۋە يەرلىك گېزىت مۇخبىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ يازغان پوۋېست <ئەزرائىل> دا كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىتخىيلىك كۈرەشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن: <دوئىل>دا چار پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلغان، <تۇزاق> (<ياما> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)تا كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پاھىشە ئاياللارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ناتۇرالىزملىق تۈسكە ئىگە ئىدى. 1919 - يىلى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە مۇھاجىر بولۇپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1937 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلگەن.