Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇنىكىدا دوپپو
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1908) ياپونىيىلىك شائىر ۋە يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى تېتسۇ، تەخەللۇسى تېتسۇئونو. توكيودىكى مەخسۇس مەكتەپ (ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكتى) تە ئوقۇپ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چېكىنگەن. كېيىن مۇخبىرلىق، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شېئىرلار توپلىمىدىن <دوپپو شېئىرلىرى>، ھېكايىلەر توپلىمىدىن <دوپپو توپلىمى>، <نەسرىي ئەسەرلىرىدىن >مۇساشىنو< قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئەڭ داڭلىق، مەسىلەن >گېن بوۋاي<، >كالا گۆشى بىلەن ياڭيۇ<، >نامراتچىلىقتا ئۆلۈش<، >بامبۇك رېشاتكىلىق دەرۋازا< قاتارلىقلار. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىدە ياپونىيىنىڭ شەھەر يېزىلىرىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى زىددىيەتلىرى ئېچىپ بېرىلگەن. كېيىن 10 توملۇق >كۇنىكىدا دوپپو ئەسەرلىرى< نەشىر قىلىنغان.