Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
昆虫激素
بىئولوگىيە
ھاشارات گورمونلىرى
ھاشارات تېنىدە ئاجرالغان گورمونلارنىڭ ئومۇمى نامى. ھاشاراتلار تۇخۇم مەزگىلىدىن باشلاپ لىچىنكا مەزگىلىگە ئۆتۈپ تەرەققىي قىلىپ يېتىلگەن قۇرت مەزگىلىگە بارغۇچە سىرتقى مورفولوگىيىسى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشى شۇنىڭدەك فۇنكسىيە جەھەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بولىدۇ، بولۇپمۇ مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلار يەنە بىر قورچاق دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنالايدۇ. ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇمدىن چىقىپ يېتىلگەن قۇرتقا تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرقايسى مەزگىللىرىنىڭ ھەممىسى بەدەن ئىچىدىكى گورمونلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئىچىدىكى گورمونلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ھاشارات تېنىدىكى ئىچكى ئاجرالما سىستېمىسىدا مېڭە نېرۋا ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىلەر گۇرۇپپىسى، يۇتقۇنچاق ئاستى بېزى تۈگۈنى، يۈرەك يان تەنچىسى، يۇتقۇنچاق يان تەنچىسى، ئالدىنقى كۆكرەك بېزى ۋە ۋە بەزى نېرۋا تۈگۈنلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ، ئاجرالغان گورمونلىرى ئىككى چوڭ خىلغا بۆلۈنىدۇ؛ بىر خىلى ئىچكى گورمونلار دېيىلىدۇ (<ئىچكى گورمونلار> غا قارالسۇن). ھاشاراتلارنىڭ ئۆسۈش، تەرەققىي قىلىش، ھالەت ئۆزگەرتىش، كۆپىيىش قاتارلىق جەريانلىرىدا تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىر خىلى ئومۇملاشتۇرۇپ سىرتقى گورمونلار، فىرومون ياكى مىسساگېس (خەۋەرچى ماددىلار) دەپ ئاتىلىدۇ (<سىرتقى گورمنلار> غا قارالسۇن). ھاشاراتلارنىڭ ئىندىۋىدلار ئارا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان گورمونلىرى، مەسىلەن، ئەركەك - چىشلىلىرىنىڭ جىنسىي جەلپ قىلىش، كولونىيىنىڭ يىغىلىشى، ئىز بەلگىلەپ قوغلىشىش، ئاگاھلاندۇرۇش - قوغدىنىش قاتارلىقلاردا رول ئوينايدىغان گورمونلىرى.
باغۋەنچىلىك
kūn chóng jī sù
ھاشارات گورمونى