Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۇن
دائىرە: دۇنيا تارىخى库恩
kù ēn
(1886 - 1839) ۋىنگىرىيە كومپارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. يېزا كاتىپى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1902 - يىلى ۋىنگىرىيە سوتسىئال دىموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، بۇداپېشت سىتودىنتلىرى ئىچىدە ئىنقىلابى پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. 1916 - يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ، روسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن، شۇ يىلى تومىسكىدا روسىيە سوتسىئال دىموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئارىسىدا ئىنقىلابى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. 1917 - يىلى، روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش كۆرىشىگە پائال قاتناشقان. 1918 - يىلى 3 - ئايدا، سوۋېت روسىيىسىدە ۋىنگىرىيە كومىنىزىمچى گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن، شۇ يىلى 11 - ئايدا ۋىنگىرىيەگە قايىتپ كېلىپ، ۋىنگىرىيە كومپارتىيسىنى قۇرغان. 1919 - يىلى 2 - ئايدا، ۋىنگىرىيە بورژۇئا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقىن قىلىنغان. 1919 - يىلىدىكى ۋىنگىرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتنىڭ كومىسسارى، ھەربىي ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جۇمھۇرىيەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋسترىيەگە بېرىپ مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1920 - يىلى سوۋېت روسىيىسىگە كېلىپ، قىرىم قىزىل ئارمىيىسى جەبۇنىي سەپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاق گۋاردىيىچىلەرگە قارشى جەڭگە قاتناشقان. 1921 - 1923 - يىللىرى، ئورالدا پارتىيە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1923 - يىلى، روسىيە كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، روسىيە كومونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بولغان. 1921 - يىلىدىن باشلاپ يەنە ۋىنگىرىيە كومپارتىيىسىدە مەىپىي خىزمەت ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە كومونىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1928 - يىلى ۋىنادا قولغا ئېلىنىپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېلىپ سىياسىي خىزمەت بىلەن داۋاملىق شوغۇللانغان. 1937 - يىلى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.