Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇلاينى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن. ھەدىس توپلىغۇچى. كۇلايىندا دۇنياغا كەلدى. كېيىن باغداتقا كۆچۈپ كەتتى. 20 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 16 مىڭ ھەدس توپلاپ <ئەل كافى فى ئىلمىددىن> ناملىق كىتاب تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب شىئە مەزھىپىنىڭ <كۇتۇبى ئەربەئە> سى (تۆت ھەدىس شېرىپى) نىڭ بىرى بولدى. ئۇ يەنە <قەرمەتىيلەرگە رەددىيە>، <چۈش تەبىرى>. <ئىمام ئەسەرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. باغداتتا ئالەمدىن ئۆتۈپ، كۇفەگە دەپنە قىلىندى.