Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۇكۇلېۋىچ - ساكىسنىسكى
دۇنيا تارىخى
库库列维奇_萨克青斯基
kù kù liè wéi qí _sà kè qīng sī jī
(1816 - 1889) خورۋات يازغۇچىسى ۋە تارىخشۇناسى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئىللىرىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن <خەلق جەۋھىرى> تەشكىلاتىنى بەرپا قىلغان. پراگادا چاقىرىلغان سىلاۋيانلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان. كېيىن سىياسىي پائالىيەتتىن بىر مەھەل قول ئۈزگەن. 1863 - يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. 1850 - يىلى يۇگۇسلاۋىيە تارىخ جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، <يۇگۇسلاۋىيە تارىخ ئارخىپى> يىللىق مەجمۇئەسىنى تارقاتقان. تۇنجى قېتىم ⅢⅩ ئەسىردىن ⅧⅩ ئەسىرگىچە بولغان يۇگۇسلاۋىيىلىكلەرنىڭ تارىخى يىلنامىسى ۋە Ⅸ ئەسىردىن ⅨⅩ ئەسىرگىچە بولغان قانۇن ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنى نەشىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ <كرودىيىنىڭ موڭغۇللار ۋە تاتارلار بىلەن بولغان كۈرىشى> دېگەن ئەسىرى بار، ئۇ يەنە <كرودىيىنىڭ ئەسەرلىرى كاتالوگى>نى تۈزگەن.