Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۇگېلمان
دائىرە: دۇنيا تارىخى库格曼
kù gé màn
(1830 - 1902) گېرمانىيىلىك دوختۇر. ماركىس، ئېنگلېسنىڭ يېقىن دوستى. 1848 - 1849 - يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقۇچى. 1864 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا كىرگەن. 1867 - ۋە 1872 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى ئىنتىرناتسىئونالنىڭ لۇزاننا ۋە گائاگا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1862 - 1874 - يىللىرى لوندوندا تۇرۇۋاتقان ماركىس بىلەن داۋاملىق خەت - ئالاقە قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ماركىسنى خەۋەردار قىلپ تۇرغان. ئۇ ماركسنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى ماركسىزمچى دەپ ئاتىغان، بىراق پرولېتارىيات ئىنقىلابىنى ياقتۇرماي، نوقۇل ئىسلاھاتچىلىق ئۇسۇلى بىلەن سوتسىيالىزم غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.