Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۈرى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
斗, 斗桶
dòu , dòu tǒng
ياغاچ ياكى قومۇچتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدىغان ئاشلىق ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئەسۋاب بولۇپ، 10 شىڭغا تەڭ. <سىخەي> دە مۇنداق دېيىلگەن: <كۈرى (كۈرە 斗) - ئېغىزى چوڭ، تۈۋى كىچىك كەلگەن بىر خىل چاسا شەكلىدىكى ئۆلچەش ئەسۋابى. تۇتقۇچى بولىدۇ، ھەجىم بىرلىكى> (<سىخەي>، 1987 - يىلىدىكى نەشرى، 1767 - بەت). بۇ ئۆلچەش ئەسۋابى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدىلا قوللىنىلغان. فون گابائىن خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە بىر كۈرى (kuri) (كۈرە) = شىڭ.
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> دېگەن كىتابتا: <كۇرى (kuri) - قەدىمكى بابىلۇننىڭ نەرسە ئۆلچەيدىغان ئەسۋابى، ئالتە ئېشەك يۈكى ياكى 60 سېۋەتكە باراۋەر> دېيىلگەن. قارىغاندا قەدىمكى زامان كۈرىسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى چوڭ بولغان بولسا كېرەك.
تارىخ
库里
kù lǐ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.