Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۈلكە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىجىيىپ، ساختىلىق بىلەن كۈلگەن كۈلكە.
بولدى ئەمدى، غەر كۈلكەڭنى قوي. يالغان كۈلكە بىلەن كۆڭۈلنى ئالغىلى بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شادلىق مىمىكىسى، خۇشاللىق ئاۋازى.
«تەبەسسۇم» ئۈن چىقارماي، مىيىقىدا كۆرۈلىدۇ.
كۈلكە ئەقىل خۇشلۇقى، تەبەسسۇم يۈرەك خۇشلۇقى. كۈلكىنىڭ ئاخىرى يىغا. ئورۇنسىز كۈلكە ئۇرۇش تۇغدۇرار. تەپەسسۇم - روھىي ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى. كۈلكە ۋە تەبەسسۇم بىزنى پۈتكۈل ئىنسانىي ئالىيجانابلىققا ئېلىپ كىرىدىغان ئىشىكتۈر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خۇشاللىقنى، زوقلىنىشنى، شادلىقنى ئىپادىلەيدىغان، بۆلۈنۈپ - بۆلۈنۈپ چىقىدىغان ئاۋازلار.
كۈلكە ئاڭلانماق.
ئاغرىق كىشى كۈلكە سۆيمەس (ماقال).
مازاق، مەسخىرە.
شۇنچىلىك ئاددىي نەرسىلەرنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالمايلى يەنە.