Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
库楚克开纳吉和约
دۇنيا تارىخى
كيۇچۇك - كەيناردجى سۈلھ شەرتنامىسى
1768 - 1774 - يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامە. 1774 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى روسىيە بىلەن تۈركىيە كيۇچۇك - كەيناردجى كەنتى (دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا) دە سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە كېرچ، ئېنكالې، كىنبۇرن ۋە كاباردا قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان؛ روسىيە سودا كېمىلىرى قارا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز بوغۇزىدا ئەركىن قاتناش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ قىرىم خانلىقى مۇستەقىل بولغان؛ روسىيە ۋالاخىيە ۋە مولداۋىيىگە ھامىيلىق قىلغان؛ تۈركىيە تۆت مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلىگەن.