Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇچىك خان
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1878 - 1921) ئىران ئورمان ئارمىيسىنىڭ يولباشچىسى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1905 - 1911 قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئورمان ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، چارروسىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ۋە پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان. 1917 - يىلى ئورمان ئارمىيىسى بەرپا قىلغان <ئىسلام ئىتتىپاقى>نىڭ باشلىقى بولغان. 1920 - يىلى 6 - ئايدا گېلان جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇپ ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىران كومپارتىيسىى بىلەن ھەمكارلاشقان، بىراق يەر ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشىدىن قورققان. شۇ يىلى 7 - ئايدا كومپارتىيىسى سولچىل ئۇنسۇرلىرى ئۇنى ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقارغان. 1921 - يىلى 9 - ئايدا ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئىنقىلابتىن يۈز ئۆرۈپ، كوممۇنىستلارنى قىرغىن قىلغان، جۇمھۇرىيەتنىڭ كۈچىنى زەئىپلەشتۈرگەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئىران ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوغلاپ زەربە بېرىش داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەن.