Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1895 - 1898 - يىللىرىدىكى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇش بولۇپ، 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. 1895 - يىلى 2 - ئايدا، شەرقىي تەرەپتىكى ئورېنتى ئۆلكىسىدە زور كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىلغان. 4 - ئايدا مارتى بىلەن گومېز قوشۇن تارتىپ كۇبانىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە سانتىياگوغا يېقىن جايدا ماسېئو رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئۇچراشقان. 9 - ئايدا مۇستەقىل كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گومېز بىلەن ماسېئو قوشۇن تارتىپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئارالنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن <تېز سۈرئەتلىك ئۇرۇش> نى قانات يايدۇرۇپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 1896 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئارالنىڭ غەرب تەرىپىگە يېتىپ بارغان. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق مۇنتزىم ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان ھەمدە پۈتكۈل ئارالدا <جازا لاگېر>لىرىنى قۇرغان. مارتى بىلەن ماسېئو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1895 - يىلى 5 - ئايدا ۋە 1896 - يىلى 12 - ئايدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ئۈچ يىل پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىسىدا كۇبا خەلقى 1897 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئازاد قىلىپ، ئىسپانىيىنى كۇبانىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا قوشۇلۇشقا مەجبور قىلغان. 1898 - يىلى 4 - ئايدا، ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەل ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش پەيتىدە، ئامېرىكا ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، كۇباغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 12 - ئايدا، ئامېرىكا - ئىسپانىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، كۇبا تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.