Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كۇبا 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
古巴三十年解放战争
gǔ bā sān shí nián jiě fàng zhàn zhēng
1868 - 1898 - يىللىرى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇشى. ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى باسقۇچى ئادەتتە 10 يىللىق ئۇرۇش، دەپ ئاتىلىدۇ (1868 - 1878). ئىككىنچى باسقۇچ ئومۇمەن <كىچىك ئۇرۇش> دەپ ئاتىلىدۇ (1879 - 1880). 1879 - يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مارتې بىلەن ماسېئو قوزغىغان بولوپ، قوزغىلاڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئورېنتى ئۆلكىسىدىن غەربىي تەرەپتىكى ھەرقايسى جايلارغىچە كېڭەيگەن، تەييارلىقنىڭ پۇختا بولماسلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق چوڭ بولغانلىقىتىنى، ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 1880 - يىل 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۇرۇش ئاياغلاشقان. ئۈچىنچى باسقۇچ ئادەتتە كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ (1895 - 1898). <10 يىللىق ئۇرۇش>، <كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى> غا قارالسۇن.