Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
库奥格
دۇنيا تارىخى
كۇئوكۇ
(1770 - 1823) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس. 1799 - يىلىدىكى نېئاپول ئىنقىلابىدا سىياسىي جەھەتتىن مۆتىدىللەر تەرىپىدە تۇرغان. 1806 - 1815 - يىللىرى ناپولېئون نېئاپولغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەت مەسلىھەتچىسى، مالىيە ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. <ئىتالىيە گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ ۋە تەھرىرلەپ، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئىتالىيە گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار (مەسىلەن، ماززېنى، پىسكانا قاتارلىقلار)غا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق <1799 - يىلدىكى نېئاپول ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر> ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتېنوپا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر بايان قىلىنغان.