Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
宽叶香蒲
بىئولوگىيە
كەڭ يوپۇرماقلىق يىكەن
يىكەن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سازلىقتا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ. يەر ئاستى غولى توم بولۇپ، بوغۇمى بولىدۇ، يوپۇرمىقى يىپسىمان، كەڭلىكى 1 - 2 سانتىمېتىر بولىدۇ، تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ، غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ. باشاقسىمان گۈل رېتى سىلىندىرسىمان بولىدۇ، ئاتىلىق گۈل رېتى بىلەن ئانىلىق گۈل رېتى تۇتىشىپ تۇرىدۇ؛ ئاتىلىق گۈل رېتى ئۈستىدە، ئانىلىق گۈل رېتى ئاستىدا بولىدۇ. تۆت دانە گۈل چېڭى بىرلىشىپ بىر بىرىكمە تەنچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاتىلىق گۈلىدىكى ئاق تۈك ئانىلىق بوينىدىن قىسقا بولىدۇ. كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسىدە بىرتال ئۇزۇنىسىغا ئېرىقچە بولىدۇ. شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، جياڭشى، يۈننەن، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، سوۋېت، ياپونىيە، فىلىپپىندىمۇ ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى تەركىبىدىكى كراخمالدىن ھاراق ياساشقا بولىدۇ، يوپۇرمىقىدىن يىكەنداز توقۇلىدۇ؛ چاڭدان دورا قىلىنىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قورۇپ قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يىكەن قۇياش نۇرىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئىنسانىيەتنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن.
باغۋەنچىلىك,ئورمانچىلىق
kuān yè xiāng pú
كەڭ يوپۇرماقلىق يىكەنDئۆسۈملۈك
kuān yè xiāng pú
كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەنDئۇنىۋېرسال
kuān yè xiāng pú
كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەن