Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
宽体金线蛭
بىئولوگىيە
كەڭ تەنلىك سېرىق تەنلىك زۇلۇك
زۇلۇكلار سىنىپى، سۇ زۇلۇكى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بۇ تەن شەكلى چوڭراق بىر خىل سۇ زۇلۇكى. دۈمبە تەرىپى ئادەتتە قارامتۇل يېشىل بولۇپ، قارا ئارىلىقىغا سۇس سېرىق رەڭ ئارىلاشقان. ئۇزۇنىغا كەتكەن بەش قۇرس سىزىقى بولىدۇ. ئادەتتە تەن ئۇزۇنلۇقى 60 - 130 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 13 - 20 مىللىمېتىر، تېنى 107 تەن ھالقىسىغا بۆلۈنگەن، كۆز توچكىسى بەش جۈپ بولۇپ 2، 3، 4، 6 ھەم 9 - ھالقىلىرىغا جايلاشقان. ئالدىنقى شورىغۇچى تەخسىسى كىچىك، ئېغىزى ئىچىدە تاڭلىيى، تاڭلىيىدا ئىككى قاتار گال (قاشاڭ) چىش تاختىسى بولۇپ، تېرىلەرنى زەخىملەندۈرەلەيدۇ، لېكىن قان شورىمايدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان، سۇلۇق ئېتىزلار، دەريا - كۆللەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. قىش پەسلىدە پاتقاققا كىرىپ قىشلايدۇ. چاڭجياڭ ئەتراپىد 3 ~ 4 - ئايلاردا توپىدىن چىقىدۇ. قۇلۇلە قاتارلىق كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.