Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىتابسىمان ژابرا
دائىرە: بىئولوگىيە书鳃
shūsāi
<يوپۇرماقسىمان ژابرا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇدا ياشايدىغان بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان نەيزە قۇيرۇققا خاس بولغان بىر خىل نەپەسلىنىش ئاپپاراتى. تەن دىۋارىنىڭ سىرتقا بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن يوپۇرماقسىمان تېرە پۈرمىلىرىدىن تەركىب تاپقان، كىتاب ۋاراقلىرىدەك قاتلانغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. ياپراقچىلاردا قان تومۇرلىرى بولىدۇ، قورساق پۇتلىرىنىڭ تەۋرىنىشى تۈپەيلىدىن نېپىز ياپراقچىلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن دېڭىز سۈيى بىلەن ھاۋا ئالماشتۇرالايدۇ. كىتابسىمان ژابرا قورساق قىسمىدىكى 2 ~ 6 - جۈپ قورساق پۇتلىرىنىڭ سىرتقى پۇتى كەينىگە جايلاشقان بولۇپ، سىرتى بىرىنچى قورساق پۇتى شەكىللەندۈرگەن كۆپىيىش قاپقىقى تەرىپىدىن يېپىلىپ تۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.