Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىتابەل ئىنسانى كامىل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مۇكەممەل ئىنسان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىككى جىدلىق دىنىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنى ئابدۇكەرىم جىل يازغان. كىتابتا ئىبنى ئەرەبىنىڭ <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> ى راۋاجلانغان. كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئاللانىڭ ئايان بولۇشى ئوخشىمىغان قاتلامغا ئىگە. ئۇنىڭ ھەممە مۇكەممەل ماھىيەت، سۈپەت ۋە ئەمەللىرى <مۇكەممەل ئىنسان> د تولۇق ئىپادىلىنىدۇ: <مۇكەممەل ئىنسان> دۇنيانىڭ ئەسلىي تىپى ۋە ئىستىلىستىكىلىق قائىدە رولىغا ئىگە بولۇپ، <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئىنسان كۆرگەن ئاللا بىلەن شەكىللىك دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوخشاشمايدۇ، دەپ قارىدى. <مۇكەممەل ئىنسان> نىڭ كۆرگىنى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك ئوخشاشلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىرى. <مۇكەممەل ئىنسان> <مۇتلەق> روشەنلىشىپ شەكىللىك دۇناي بولۇشنى ۋە شەكىللىك دۇنيادىن <مۇتلەق> ئوتتۇرا ھالقىغا ئۆرلەشنى؛ ئاللا روشەنلىشىشنىڭ ئوخشاشمىغان قاتلىمى، يەنى ئىنساننىڭ سىرلىق تەسىراتى ياكى بىۋاسىتە تۇيغۇسىنىڭ ئوخشاشمىغان قاتلىمىدا، پەقەت <مۇكەممەل ئىنسان> سۈپەت ۋە ئەمەلدىن ئاللانىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا يېتەلەيدۇ. بۇ كىتاب پاكىستانلىق ئىقبالنىڭ <ئۆزلۈك> نەزەرىيىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. 1882 - يىلى، 1886 - ۋە 1921 -، 1992 - يىللىرى قاھىرەدە نەشر قىلىندى.