Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرۇيە مۇداپىئە جېڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى克鲁亚保卫战
kè lǔ yà bǎo wèi zhàn
1450 - يىلى ئالبانىيەنىڭ تۈركىيە تاجاۋۇزىغا قارشى مۇھىم جېڭى. كرۇيە ئالبانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قورۇل بولۇپ، تۈركلەر بېسىۋالغان. 1443 - يىلى ئالبانىيەنىڭ مىللي قەھرىمانى ئىسكەندېربېي تەرىپىدىن قايتۇرۋېلىنغان. 1450 - يىلى 5 - ئايدا تۈرك سۇلتانى مۇراد Ⅱ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن توپلاپ كرۇيەگە ھۇجۇم قىلغان. ئىسكەندېربېي ئارمىيە، خەلقنى باشلاپ قاتتىق مۇداپىئە قىلغان. تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كۈرەش قىلش ئارقىلىق تۈركىيە قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، مۇراد Ⅱ چېكىندۈرۈلگەن. كرۇيە مۇداپىئە جېڭىنىڭ غەلىبىسى ئالبانىيە خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.