Uyghurئاساسىي لۇغەت
كرىستىئان
دۇنيا تارىخى
(1577 - 1648) دانىيە - نورۋىگىيە كورۇلى (1588 - 1648). فرېدرىخ Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاپىسى نايىب بولغان. 1596 - يىلدىن تارتىپ ئۆزى سورىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە تەدبىر قوللىنىپ سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، كوپىنھاگېن پورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان، يېڭى شەھەرلەنى بەرپا قىلغان. ھانزا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ، گوللاندىيىدىن يېڭى تېخنىكا كىرگۈزگەن ھەمدە كۈچلۈك دېڭىز ترانسپورت فلوتىنى بەرپا قىلغان. 1619 - يىلى يىنىس مونكىنى ئەۋەتىپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ھىندىستاندىكى ترانكېبارنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. يەنە ئۈچ ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنى گرىنلاندىيە ئارىلىغا ئەۋەتىپ يېڭىۋاشتىن مۇستەملىكە ئالاقە ئورنىتىپ، گرىنلاندىيە شىركىتىنى قۇرغان. 1611 - 1613 - يىللىرى شۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىن <30 يىللىرى ئۇرۇش> قا قاتناشقان. شۋېتسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1645 - يىلى، شۋېتسىيە بىلەن <بريومىسېبرو شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، بىر قىسىم زېمىنىنى شۋېتسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئۇنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتكەن.
دۇنيا تارىخى
(1646 - 1699) دانىيە - نورۋىگىيە كورۇلى (1670 - 1699). فرېدرىخ Ⅲ نىڭ ئوغلى، دانىيە مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تۇنجى مىراسخور كورۇلى. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىن كاتتا زاتلارنى ئەمەلدارلىققا قويغان. دۆلەتنى ۋەزىر گرىفېنفېلد (1635 - 1699) نىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن (كېيىن بۇ ۋەزىر ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، 1676 - 1698 - يىللىرى نەزەربەند قىلىنغان). 1671 - يىلى ئاقسۆڭەكلەرنى گراف ۋە باروندىن ئىبارەت ئىككى تەبىقىغە بۆلۈپ چىققان. سىنكانىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، 1675 - 1679 - يىلى سىكانىنى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىرالمىغان. 1683 - 1687 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا دانىيە قانۇنى بىلەن نورۋىگيە قانۇنىنى ئېلان قىلغان.
دۇنيا تارىخى
(1818 - 1906) دانىيە كورۇلى (1863 - 1906). تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي <نويابىر ئاساسىي قانۇنى> (1863 - يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى دانىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان شىلېزۋىگنى دانىيىگە قوشۇۋېلىش پەرمانى)غا ئىمزا قويغان. كېيىن 1864 - يىلى دانىيىنىڭ پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، شىلېرۋىگ، گولىشتېين، لاۋنىبۇگدىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىكىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەزىر ئېسترۇپ (1825 - 1913) نىڭ <ۋاقىتلىق سىياسىتى> (ئۇنىڭ سىياسىي پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دائىم كابىنت بىلەن كورۇل ئىمزالىغان <ۋاقىتلىق پەرمان>غا تايىنىپ، سىياسىي ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان)نى قوللاپ، دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلغان. 1901 - يىلدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋامىدا، سول قانات كابېنت تەشكىل قىلىشقا ماقۇل بولۇشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دانىيىدە ئاخىرى پارلامېنت تۈزۈمى تىكلەنگەن.
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1947) دانىيە كورۇلى (1912 - 1947). ئىسلاندىيە كورۇلى (1918 - 1944). دانىيە كورۇلى فرېدرىخ Ⅷ نىڭ ئوغلى. ياشلىق دەۋرىدە ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدە سىكاندىناۋىيە ئەللىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، دانىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. 1915 - يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاياللارنى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. 1918 - يىلى دانىيە، ئىسلاندىيە بىرلەشمە قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ، ئىسلاندىيە ئارىلىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىسلاندىيەنىڭ كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دانىيىنى گېرمانىيە بېسىۋالغان. ئۇ، تەسلىم بولۇشتىن باش تارتىپ، يەنىلا دانىيىدە تۇرغان. 1943 - 1945 - يىللىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. دانىيە قاراشلىق كۈچلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان.