Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىرىشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<كىرمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
تەنتەنىلىك بېزەلگەن ئۆيگە ئەر - ئايال مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن كىرىشمەكتە.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرىشكە باشلىماق، مەشغۇل بولماق.
دىلبەر مېھمانخانىغا كېلىپ ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئىشقا كىرىشتى.
ئىسسىق، سوغۇق ياكى نەم تەسىرىدىن قىسقارماق (رەخت ھەققىدە).
ئۇنىڭ يۇيۇلغان كۆڭلىكى كىرىشىپ قىسقا كېلىپ قالغانىدى.
بىر - بىرىگە ھىم يېقىنلىشىپ قاتماق، قېرىشماق.
ئالدىراپ كىرىپ چىراغ ياندۇرسام، پەرىدەم كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان، چىشلىرى كىرىشكەن، مۇشتۇمى چىڭ تۈگۈلگەن ھالدا سارغىيىپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.