Uyghurئاساسىي لۇغەت
كروتوي
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1093) ۋېندېن كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى (1066 - 1093). تەختتەئولتۇرغان مەزگىلدە پولابىئان سلاۋىيانلىرى ئىچىدە كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىللاند يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم جايلارنى بېسىۋېلىپ، ۋېندېن كىنەزلىكىنىڭ چېگرىسىنى شىمالىي دېڭىزغىچە سۈرگەن. كېيىنرەك ئۆز جەمەتىدىن بولغان ھېنرى تەرىپىدن ئۆلتۈرۈلگەن.