Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كروسئاتى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
库鲁茨起义
kù lǔ cí qǐ yì
ⅦⅩ ۋە ⅧⅩ ئەسىردە ۋېنگرىيە دېھقانلىرىنىڭ ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ نامى 1514 - يىلىدىكى گيۇرگو دوسا رەھبەرلىكىدىكى ۋېنگرىيە دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ نامى <كروسىئاتى> (<ئەھلىسەلىپ قوشۇنى> دېگەن مەنىدە بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۆزىگە كرېستنى بەلگە قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان)دىن كەلگەن. بۇ قوزغىلاڭلار ئىككى قېتىم پارتلىغان: (1) 1670 - يىلى قېچىپ كەتكەن ۋېنگرىيە دېھقانلىرى بىلەن سلوۋاكىيە دېھقانلىرى ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1671 - يىلى، قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەك تېكېن ئىمرېنى ئۆزىگە يولباشچى قىلىپ، رامو دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايون (سلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا كرۇسىئاتى ھاكىمىيىتى (1678 - 1685) نى قۇرغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كېڭىيىپ 25 مىڭ كىشىگە يەتكەن. قوزغىلاڭچىلار پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاۋستىريە ئارمىيىسىنى كۆپ قېىتم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ترانسىلۋانىيە ۋە كارامو قاتارلىق كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان، كېيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ تەمىناتى يېتىشمىگەنلىكى، ئىنتىزامى بوشىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئۇرۇش پۇرسىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ كۈرەش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتمىگەنلىكى ئۈچۈن، 1686 - يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن. (2) 1703 - يىلى ۋېنگرىيە دېھقانلىرى قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمتى ۋېنگاىيىگە قاراتقان زۇلۇمىنى كۈچەيتكەن، ۋېنگرىيە دېھقانلىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، مونكاچ رايونىدا ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، فېئوداللىق مەجبۇرىيەت ۋە فېئوداللىق باج - سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپ خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. كېيىن قوزغىلاڭچىلاr راكوسى فېرېنسنى ئۆزىگە يولباشچى قىلغان. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتىشىپ، پۈتۈن ۋېنگرىيە ۋە ترانسىلۋانىيىنى دېگۈدەك ئازاد قىلىپ، ۋېناغا يېقىنلاشقان. 1705 - يىلى، دېھقانلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، ترانسلۋانىيە بىلەن ۋېنگرىيەنىڭ قوشۇۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان. 1707 - يىلى، ۋېنگرىيە مۇستەقىللىك جاكارلاپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمى بىكار قىلغان، فېرېنسىس راكوسى دۆلەت باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1711 - يىلى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. ۋېنگرىيە ھۈرىيەتچى ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىلاڭغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، <ساتۇ - مارې سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، كرۇسئاتى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورالىنى تاشلاشقا مەجبورلىغان؛ راكوسى فېرېنىسىس چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.