Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرونشتاد قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى喀琅施塔得起义
kā láng shī tǎ dé qǐ yì
روسىيەنىڭ 1905 - يىلى ئىنقىلابىي مەزگىلدە، بالتىق دېڭىز فلوتى ماتروسىلىرىنىڭ كرونشادتتا كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1905 - يىلىدىكى <17 - ئۆكتەبر خىتابنامىسى> دېڭىز ئارمىيىسىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان. 10 - ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، كرونشادتتىكى ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇدا نامايىش قىلغان ۋە يىغىن ئاچقان. 11 - ئاينىڭ 8 - كانى چار پادىشاھ ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقى، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپچى بولغان. قوزغىلاڭغا تەخمىنەن 3000 ماتروس، 1500 ئەسكەر قاتنىشىپ، كرونشتادت قەلئەسى ۋە شەھەرنى بىر مەھەل كونترول قىلغان. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. قوزغىلاڭچىلار پېتروگرادتىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، دائىرىلەر ماتروسلانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. 1906 - يىلى 7 - ئايدا كرونشتادت ماتروسىلىر قايتىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن 6000 كىشى قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 36 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.