Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرومۋېل
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
克伦威尔
kè lún wēi ěr
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
克伦威尔
kè lún wēi ěr
دۇنيا تارىخى
克伦威尔
kè lún wēi ěr
(1599 - 1658) ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئنقىلابى داۋامىدىكى بۇرژۇئا يېڭى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى. مۇستەقىلچىلەرنىڭ يولباشچىسى. ئەنگلىيە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغۇچى. يېزا مۆتىۋىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىككى نۆۋەت لوندونغا بېرىپ قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرغان. 1628 - 1640 - يىللىرى ئىككى نۆۋەت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1642 - 1648 - يىللىرىدىكى ئىككى قېىتملىق ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي تالانتىنى نامايەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <تۆمۈر ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنى> بىلەن يېڭى نەمۇنىلىك قوشۇننى باشلاپ، مارسىتون ۋە ناسبىي جەڭلىرىدە كورۇل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ھەمدە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1648 - يىلى پارلامېنتتىكى ئاقساقاللار تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى تازىلاپ چىققان. 1649 - يىلى شەھەر پۇقرالىرى ۋە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ بېسىمى بىلەن كورۇل چارلېس Ⅰ گە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، 5 - ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باراۋەرچىلەر بىلەن يەر ئاچقۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1649 - 1652 - يىللىرىدىكى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلالپ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئېرلاندىيە مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، ئېرلاندىيە زېمىنىنى تالان - تاراج قىلغان. بۇ ئارىلىقتا 1650 - 1651 - يىللىرى شوتلاندىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقان. 1653 - يىلى ھەربىي مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەپ، دېكابردا ئۆزى <پروتېكتورات> بولۇۋالغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكە ھەمدە دېڭىزدىكى زوراۋانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن، گوللاندىيە - ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان.