Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كرىكىس
دۇنيا تارىخى
克里克苏
kè lǐ kè sū
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 72) سپارتاك قوزغىلىڭى (مىلادىدىن ئىلگىرى 73 - 71)نىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سپارتاكنىڭ ياردەمچىسى بولغان. مىلادىدن 72 يىل ئىلگىرى پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ سپارتاك قوشۇنىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئاپولىيە (ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا) تەۋەسىدىكى كارگانۇس تېغى ئەتراپىدا رىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، قۇربان بولغان.