Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىركەك قۇرت
بىئولوگىيە
<سەكسەنپۇت> ۋە <قىرىقئاياغ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ خلوپودا (كالپۇك پۇتلۇقلار) كەنجى سىنىپىغا كىرىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 - 15 سانتىمېتىر، دۈمبە، قورساقلىرى سەل ياپىلاق، باش قىسمى سېرىق، بىر جۈپ ئۇزۇن ئانتېننىسى ۋە بىر قانچە ئاددىي كۆز بولىدۇ. ئېغىز ئاپپاراتى؛ بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي بىلەن ئىككى جۈپ كىچىك تاڭلاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەۋدە قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپى قارامتۇل يېشىل، قورساق تەرىپى سېرىق قوڭۇر رەڭلىك. 21 بوغۇمىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، بىرىنچى بوغۇمى ئەمەلىيەتتە ئىككى تەن بوغۇمىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، قالغان بوغۇملىرى چوڭ - كىچىك ئالمىشىپ جايلاشقان. ھەر بىرىدە بىر جۈپتىن پۇتى بولىدۇ، بىرىنچى بوغۇمىدىكى پۇتى <تاڭلاي پۇتى> دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈۋى قىسمى قوشۇلۇپ كەتكەن، ئاخىرقى بوغۇمى ئىلمەك تىرناقسىمان بولۇپ، ئىچىدە زەھەر بېزى بولىدۇ ھەمدە تىرنىقىنىڭ ئۇچىدىن ئېغىز ئاچقان، شۇڭا <زەھەر تىرنىقى> دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈپ پۇتى ئارقىغا قاراپ ئۇزىراپ قۇيرۇقسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، ھاۋا تۆشۈكى توققۇز جۈپ بولۇپ 3، 5، 8، 10، 12، 14، 16، 18، 20بوغۇملارنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان. كۆپىيىش تۆشۈكى بىر. ئاخىرقى ئۇچىدىن ئىككىنچى بوغۇمىنىڭ قورساق تەرىپىگە، ئانۇسى تېنىنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان. چىرىگەن ياغاچ، تاش يوچۇقلىرى ياكى تام تۈۋىلىرىگە ئوخشاش نەم ئورۇنلاردا ياشايدۇ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى چىقىدۇ، ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ ۋە ئادەمنى چاقىدۇ. ئۇنىڭ زەھىرى بېزى بولغاچقا چېقىۋالغاندىن كېيىن چاققان يېرى قىزىرىپ ئىششىيدۇ ياكى بەدەن قىزىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلەر ئارىلىشىپ كېلىدۇ. قۇرۇتۇپ ياسالغان ماتېرىيالىدىن جۇڭگوچە دورىلار ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، زەھەرلىك، شامالداپ قېلىشتىن بولغان كېسەللىكنى قايتۇرۇش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە. بالىلارنىڭ دۆلىنىپ قېلىش، تارتىشىپ قېلىش، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش (دەردى شەقىقە)، يامان يارا، يىلان چېقىۋېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي - جەنۇبىدىكى ھەممە جايلارغا تارقالغان. بەزى جايلاردا يەنە مەخسۇس سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىدۇ.