Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مەينەت بولغانلىقتىن يۇيۇلىدىغان كېيىم - كېچەك، كىر - قات.
كىر يۇماق. * كىرخانا. * كىرسوپۇن.
سەن پاك بول، ھېچكىمدىن قورقما بۇرادەر.
كىرلەرنى تاشقا ئۇرۇپ يۇيار كىرچىلەر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
غۇم، ئاداۋەت .
كىر ساقلىماق. * كۆڭلىنىڭ كىرى يوق. * كۆڭۈلنىڭ كىرى ئېيتىسا كېتەر، كىيىمنىڭ كىرى يۇسا كېتەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
مەينەت، ئىپلاس، توڭرا.
كىر بولماق، كىرگە پاتماق. * كىرگە پېتىپ كەتمەك. * تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك. * پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى (ماقال) . * يۈزۈڭ كىر بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كىرمەك، كىرىش. 1 . تاشقىرىدىن ئىچكىرىگە يۆنەلمەك، ھەرىكەتلەنمەك.
كىرىم. * ئۆيگە كىرىمەك. * قولغا تىكەن كىرمەك. * ھەپتىدە بىر مونچىغا كىر، قالمىسۇن تېنىڭدە ھېچ كىر .
2 . باشلىماق. قىش كىرمەك. * ياز كىرمەك. * ئىككى قولغا بىر ئىش، سەھەر تۇرۇپ كىرىش (ماقال).
3 . قاتناشماق. پاتىيىگە كىرمەك. * دەرىسكە كىرمەك.
4 . ئاڭلىماق. گەپكە كىرمەك. * بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ (ماقال).
5 . يەتمەك. بۇ يىل 61 گە كىردىم. * قىرىققا كىرگەندە ، بولمىسا ئەقىل، ئۇنى ئادەم دېمىگىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ - توزان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن پەيدا بولغان يىرگىنچلىك نەرسە.
«توڭرا»، «قاسماق» كىرنىڭ قاتمۇقات توپلىنىشى.
«قىھخە» كىچىك بالىلارغا ئېيتىلىدۇ.
«زاڭگار»، «گارا» تۇرپان ۋە قۇمۇل شېۋىلىرىدە قوللىنىلىدۇ.
«ھېلىلىق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
يۈزۈڭ كىر بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. چىۋىن مەينەت نېمە ئۇ قونغاننى يۇماي نېمە. كەت مەينەت، كەل دۆلەت. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئادەم سۇنى ئىپلاس قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز قىلار. توڭرا باسقان قولۇڭنى داستىخانغا سونما. يۇيۇنمىساڭ، بەدىنىڭىدىكى كىر قاسماق بولىدۇ. ھاي بالام. ئۇنى يېمە، قىھخە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇلغانغان، چاڭ - توزان قونغان، داغ - دۇغ ئارىلاشقان.
تازا، پاكىز، ئېرىغ، پاك
چاڭ - توزان قونمىغان، داغ - دۇغ ئارىلاشمىغان، بۇلغانمىغان.
قولۇم تازا بولسۇن دېگۈچە، كۆڭلۈك تازا بولسۇن دە. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار. ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى ئىپلاس بولماس. كىر يەڭنى يۇغانسېرى كىر چىقار. مەينەت قولۇڭنى تازا ئاشقا سۇنما. قاسماق قايناتمىغۇچە ئېرىمەس. توڭرا توڭدىن يامان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەيز؛ كىر، پاسكىنىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە، بەدەنگە قونغان، چاپلاشقان، يۇققان چاڭ - توزان قاتارلىق مەينەت، پاسكىنا نەرسىلەر.
ئۇ خۇددى ياش يىگىتلەردەك ئاق كۆڭلىكىنى ياقىسىغا كىر قوندۇرماي يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
- يۈرۈڭ، تارتىنماڭ! - قىز نادەمنىڭ كىر چاپىنىنىڭ يېڭىدىن چىمدىپ تۇتۇپ تارتتى.
يۇيۇلىدىغان ياكى يۇيۇلغان كىرلەشكەن كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر.
ئەتىسى سائادەت كېلىپ كىرلىرىمنى ئېلىپ كەتتى.
كۆچمە. يامانلىق، ئاداۋەت، غۇم.
كۆڭۈلدە كىر ساقلاپ نېمە قىلىمىز؟ ھەممىمىز ئۆز ئادەم.