Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېپىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە، باشقىلارنى ئىشەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى.
«بولماق»، «قىلماق» بىلەن پېئللىشىدۇ.
كېپىل بولساڭ، كېپىنىڭ كۆيەر. يېمەي - ئىچمەي بول بېخىل، باي بولمىساڭ مەن كېپىل. بورۇن بولساڭ ئېھتىيات قىل، بوينۇڭ سۇنمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ۋە كىشى ئۈچۈن كېپىللىك قىلغۇچى.
ياق! جانابلىرى پىيادە قالسىلا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئامانلىقىغا تامامەن ئۆزلىرى كېپىل.
بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان شارائىت، ۋاستە.
بىزگە خاس خۇش چىيراي ئاچقان كېلەچەك. ئۇلۇغۋار نىشانغا ئەھدىمىز كېپىل. ئارقىغا بېقىش - ئۇ بىزگە يات خىسلەت، ئەي كەچ كۈز شامىلى، بولمىغىن خىجىل.
<سىياسەت بۈگۈن نەدە، كانايدا ئەمەس يەردە>، ھەققە بۇ كېپىل سۆزدىن ئۆرگىلىپ كېتەي ئەمدى.