Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوئۇنتورىئوتېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى孔杜里俄提斯
kǒng dù lǐ é tí sī
(1855 - 1935). گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1924 - 1926، 1929 - 1926). ئادمىرال. كىچىكىدە ئافېنادا ئوقۇغان بولۇپ، 1874 - يىلى دېڭىز ئارمىيسى مەكتىپىگە كىرگەن. 1897 - يىلى گرېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە 1912 - 1913 - يىللىرى بالقان ئۇرۇشىدا گرېتسىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان (1915 - 1916، 1917 - 1919)، ۋېنىزىلوسنى قوللاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1920 - يىلى پادىشاھ ئالېكساندر ۋاپات بولۇپ ۋە 1923 - يىلى گىئورگى Ⅱ تەختنى بوشاتقاندىن كېيىن، نائىب خان بولغان. 1924 - يىلى گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1926 - يىلى بىر مەزگىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، كېيىن يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. 1929 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستىپا بەرگەن ھەمدە سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.