Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوتىسىيۇبىنىسكىي
دائىرە: دۇنيا تارىخى科秋宾斯基
kē qiū bīn sī jī
(1864 - 1913) ئۇكرائىنالىق يازغۇچى. ئىنقىلابىي دىموكراتىزمچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسسىئونېرلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. نارودنىك پارتىيسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقتىن 1882 - يىلى قولغا ئېلىنغان. 1890 - يىلدىن باشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن، ئۇكرائىنادىكى ھەرقايسى قاتلام خەلقنىڭ، خۇسۇسەن دېھقانلارنىڭ سىنىپىي زۇلۇم ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشىلىقلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <كۈلكە>، <يولدا>، <گۇناھسىز ئات> قاتارلىق ھېكايىلىرىدە، چارروسىيە تۈزۈمىنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ئەركىن بۇرژۇئازىيىنىڭ خەلققە قارشى قىياپىتى ئېچىپ تاشلانغان. <خىيالىي مەنزىرە> ناملىق پوۋېستىدا، 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئۇكرائىنا دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئىشچىلارنىڭ يېزىلاردا ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرى گوركىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.