Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوسوۋو جېڭى
دۇنيا تارىخى
科索沃战役
kē suǒ wò zhàn yì
(1) 1389 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سېربىيىنىڭ جەنۇبىدىكى پرىستىنا شەھىرنىڭ يېنىدىكى كوسوۋو دالاسىدا سېربىيە كىنەزى لازار باشچىلىقىدىكى سېربىيە، بوسنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋالاخىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى (تەخمىنەن 20 مىڭ كىشلىك قوشۇن) بىلەن سۇلتان مۇراد Ⅰ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرى (تەخمىنەن 30 مىڭ كىشلىك) ئېلىپ بارغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن چاغدا، بىر سېرب مۇراد Ⅰ نىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن. لېكىن تۈركىيە قوشۇنلىرى مۇراد Ⅰ نىڭ ئوغلى باپازدنىڭ قوماندانلىقىدا ئاخىرى بىرلەشمە ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. لازار ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سېربىيە تۈركىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1459 - يلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. (2) 1448 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كوسوۋا دالاسىدا تۈركىيە سۇلتارنى مۇراد Ⅱ ھۇنيادى باشچىلىقىدىكى ۋېنگرىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ.