Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوشىسې پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرى، چېخوسلوۋاكىيە مىللىي فرونتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كوشىسېدا جاكارلىغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب پروگراممسىى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، فاشىستلار گېرمانىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش؛ چېخوسلوۋاكىيە زېمىنىدا ھەممە مىللەت باپباراۋەر بولۇش؛ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، ۋەتەن خائىنلىرىنى ۋە دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئاسىيلىق قىلغان ئۇنسۇرلارنى جازالاش؛ ھەربىي بيۇروكرات ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلق دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلىش؛ گېرمانىيە پومېشچىكلىرىنىڭ ۋە مىللىي ئاسىيلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەرسىز ۋە يېرى ئاز دېھقانلارغا تەقىسم قىلىپ بېرىش؛ بانكا، ئىستراخونىيە شىركىتى ۋە چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.