Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كورۇلىۋا كرىستىنا
دۇنيا تارىخى
克里斯蒂娜女王
kè lǐ sī dì nà nǚ wáng
(1626 - 1689) شۋېتسىيە كورۇلىۋاسى (1644 - 1645). گۇستاۋ ئادولفنىڭ يالغۇز قىزى. ئالتە يېشىدا تەختكە چىققان. ياش ۋەزىرى ئاكسىل ئوكىسېنتېرنا باشچىلىقىدىكى نائىب كېڭەش ھۆكۈمتىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى باشقۇرۇپ كەلگەن (6321 - 1644). 1644 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بىراق، دىپلوماتىيە جەھەتتە يەنىلا كابېنت ۋەزىرلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ كەلگەن. خېلى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۇرۇش تۈپەيلىدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ھەددىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنلاشقان. خان جەمەتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش، ۋارىسلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ تۆتىنچى يىلى بىر نەۋرە ئاكىسى چارلېسنى شۋېتسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىەەن. 1649 - يىلى پالامېنت چارلېسنى ۋەلىئەھد قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇ، 1654 - يىلى ئۇپسالا پارلامېنتىدا ئىستىپا بېرىپ، ئورنىغا چارلېسنى چىقارغان. چارلېس Ⅹ (1622 - 1660) دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن تەختكە چىقارغان.