Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كورولېنكو
دائىرە: دۇنيا تارىخى柯罗连科
kē luó lián kē
(1853 - 1921) روسىيىلىك يازغۇچى. ژىتومىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا يېزا - ئىگىلىك ئورمانچىلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1876 - يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. كېيىن بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈندە يۈرگەن چاغلىرىدە يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. <ماكارنىڭ چۈشى>ناملىق ھېكايىسىدە ياكوتىسكىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى قامچىلىغان، <قارىغۇ مۇزىكانت> ناملىق پوۋېستتا، بىر قارىغۇ بالىنىڭ جىسمى مېيىپ بولسىمۇ قەلبى مېيىپ بولماي، ئاخىرى داڭلىق مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن، <تىل ئۇقۇشماسلىق> ھېكايىسىدە ئامېرىكىغا بارغان ئۇكرائىنالىق بىر دېھقانننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ساختىلىقى بىلەن ۋەھشىيلىكى پاش قىلىنغان. كوروبېنكو ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان تەرجىمىھالى <زامانداشلىرىم ھەققىدە ھېكايىلەر> (تۆت توم) دا روسىيە زىيالىيلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى بايان قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.