Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كورنىلوۋ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
科尔尼洛夫叛乱
kē ěr ní luò fū pàn luàn
1917 - يىلى 9 - ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كورنىلوۋ قوزغىغان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ. <ئىيۇل ۋەقەسى>دىن كېيىن، ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ، بارلىق ھوقۇقنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆز قولىغا كىرگۈزۈۋلغان. بولشېۋىكلار پارتىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا تەييارلانغان. بۇرژۇئا كادېتلار پارتىيىسى بىەن كىرېنېسكىي ھۆكۈمىتى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى يوقىتىپ، ئىنقىلابنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كورنىلوۋ باشچىلىقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى پىلانلىغان. 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى توپىلاڭچى ئارمىيسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولغان كرىموۋ (1871 - 1917) نىڭ ئاتلىق 3 - ئارمىيىسى بۇيرۇققا بىنائەن، ئالدىنقى سەپتىن پېتېربۇرگقا ھۇجۇم باشلىغان ۋە شۇ ئارقىلىق، ھەربىي ئىستىبدات ھاكىمىيەتنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان. ھۆكۈمەتتىكى كادېتلار پارتىيىسىدىن بولغان مىنىستىرلار شۇئان ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇلارغا ماسلاشقان. بولشېۋىكلاr ئۇلارنىڭ سۈيقەستىنى بىلىۋېلىپ، نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ئىشچى، ئەسكەر ۋە ماتروسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەختنى قوغدىغان ھەمدە ئالدانغان ئەسكەرلەرگە قارىتا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، توپىلاڭچىلار ئارمىيىسىنى پارچىلىغان ھەمدە توپىلاڭنى تارمار قىلغان. 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كرېنېسكىي ھۆكۈمىتى كورنىلوۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، قاماققا ئېلىشقا مەجبور بولغان. بولشېۋىكلار رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ۋەزىيىتى پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغان.