Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوپپېرخېئاد
دۇنيا تارىخى
铜头蛇
tóng tóu shé
ئامېرىكىنىڭ شىمال - جەنۇب ئۇرۇشىدا، شىمالىي قىسىمدىكى دېموكراتلار پاتىيىسىدىن لىنكولىن ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشىغا قارشى چىققان كىشىلەرگە قارىتىلغان. ئۇلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مىس باشلىق يىلانغا ئوخشاش زەھەرلىك دەپ تەمسىل قىلىنغان. ئەڭ دەسلىپىدە 1861 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى <نيو - يورك مۇنبىرى> گېزىتىدە كۆرۈلگەن. توپىلاڭ چىقارغان جەنۇب ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىپ سۈلھ تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىتىن، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى تىنچلىق تەرەپدارلىرى دەپمۇ ئاتالغان. ۋەكىللىرى ۋاللاندىگھام، ئالېكساندرلونگ، ۋوئود قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ گۇرۇھنىڭ ئىندىيانا، ئىلسۇس قاتارلىق شتاتلاردا تەسىر كۈچى زور بولۇپ، ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا رىتسارلار پولكى قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، جەنۇب ئىتتىپاقىغا ماسلىشىپ ھەرخىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.