Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوپىنھاگېن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
哥本哈根之战
gē běn hā gēn zhī zhàn
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دانىيىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىزدىكى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنىڭ دېڭىز ترانسپورت ئىشلىرى گۈللەنگەن، ئەنگلىيە ئۇنى چەكلىگەن ھەمدە دېڭىزدا دانىيە، نورۋىگىيىنىڭ سودا كىمىلىرىنى توتۇپ قالغان. 1800 - يىل 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دانىيە فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا روسىيە، پرۇسسىيە ۋە شۋېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەنگلىينىڭ دېڭىزدىكى تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان. 1801 - يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى پاكىر بىلەن نارسون باشچىلىقىدىكى فلوتنى دانىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگۈزۈپ، دانىيىگە ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدە ئۇلتىماتۇم چىقارغان. دانىيە ئۇنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشى قوزغالغان. 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگەندە، نارسون كوپېنھاگېنغا ھۇجۇم قىلغان. بەش سائەت داۋام قىلغان جىددىي جەڭدە دانىيە ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، سۈلھ قىلىشقا مەجبور بولغان. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىتتىپاقتىن چكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.