Uyghurئاساسىي لۇغەت
كومىتې
دۇنيا تارىخى
(1798 - 1857) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، پوزىتىۋىزم ۋە سوتسىئولوگىيىگە ئاساس سالغۇچى. مونىپېلىيىدىكى بىر باجگىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي پارىژدىكى تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن پەلسەپە، تارىخ ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگەنگەن. 1818 - يىلى، 1824 - يىللىرى سېن - سىمونچىلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1826 - يىلى پوزىتوۋىزم پەلسەپىسىدىن خۇسۇسىي لېكسىيە سۆزلەشكە ھەمدە ئەسەر يېزىشاق باشلىغان. ئۇنىڭ مۇددىئاسى جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە شەخسلەر ئىناق ئۆتىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ تەرەققىياتى ئىلاھىيەت باسقۇچى، مېتافىزىكا باسقۇچى ۋە پوزىتۋىزم باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ دەپ قارىغان. مۇتلەق تونۇشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىسپاتلانغان نىسپىي تونۇش ئادەمگە يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ ھەرقايسى تەستىقلاش ئىلمىنى تۈرلەرگە ئايرىپ، تۇنجى قېتىم <سوتسىئولوگىيە> دېگەن تېرمىننى قوللىنىپ، يەنە سوتسىئولوگىيىنى ئىككى قىسىمغا، يەنى جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي تۇرغۇنلۇق مېخانىكىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي دىنامىكىغا ئايرىلغان، ھەرقايسى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى تېخىمۇ ياخشىلىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ <پوزىتۋىزم پەلسەپىسىدىن دەرسلىك> ۋە <پوزىتۋىزمنىڭ سىياسىي سىستېمىسى> دېگەن مۇھىم ئەسەرلىرى بار.