Uyghurئاساسىي لۇغەت
كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسى
بىئولوگىيە
بىر خىل سېرولوگىيىلىك تەجرىبە. پروبىركا ئىچىدە ئانتىگېن بىلەن ماس ھالدىكى ئانتىتېلا بىرىككەندىن كېيىن يەنە كومپېلېمت كىرگۈزۈلسە ئانتىگېن - ئانتىتېلا مۇرەككەپ ماددىسى بىلەن كومپلېمېنت بىرىكىدۇ. ئەگەر ئانتىتېلا ماس كەلمىسە كومپلېمېنت بىرىكمەي ئېرىتمىدە ئەركىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق كومپلېمېنتنىڭ بىرىككەن ياكى بىرىكمىگەنلىكىنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ھادىسە كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا قان ئېرىش سىسىتېمىسىنى قوشۇش، يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە ماس كېلىدىغان ئانتىتېلا گېمولىزىننى كۆرسەتكۈچ قىلىش كېرەك. ئەگەر سۇيۇقلۇقتا ئەركىن ھالەتتىكى كومپلېمېنت بولمىسا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى گېمولىزىن بولسىمۇ ئېرىپ كەتمەيدۇ (قاننىڭ ئېرىگەن - ئېرىمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلانىڭ ماس كەلگەنلىكىنى، كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر - سۇيۇقلۇقتا ئەركىن كومپلېمېنت بولسا، ئۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن كېيىن قوشۇلغان قان ئېرىش سىستېمىسى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ قان ئېرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلانىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسىنىڭ مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسى ئارقىلىق ئالاھىدە خاسلىق بولغان ئانتىگېن ياكى ئانتىتېلانىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تەجرىبە ئارقىلىق كىشىنىڭ قان زەردابىدىكى كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ قان زەردابىنى )فارېنىگېيت رېئاكسىيسى دەپ ئاتىلىدۇ( ۋە ۋىرۇس كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەمنىڭ قان زەردابىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىفىلىس ۋە ۋىرۇس كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىكرو ئورگانىزملارنى باھالاپ بېكىتىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.