Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كومنېن خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى科穆宁朝
kē mù níng cháo
ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى خاندانلىقى (1057 - 1059، 1081 - 1185). كومنېن جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغاندىن، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. خاندانلىقىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى يەرلىك ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ئىدى. ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، ئىچكى قىسىمغا قارىتا فېئوداللىق تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ، خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، باج - سېلىقنى كۆپەيتىپ، ئىتالىيە سودىگەرلىرىگە سودا ئىمتىيازىنى بەرگەن. سىرتقا قارىتا ۋىزانتىيىنىڭ ئىتالىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان؛ كىچىك ئاسىيدا سالجۇق تۈركلەر ئىگىلىۋالغان بىرقىسىم زېمىنىنى قايتۇرۋالغان. كومنېن خاندانلىقىدا ئۆتكەن ئىمپېراتورلار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: ئىساق Ⅰ (1057 - 1059)، ئالېكسىي Ⅰ (1081 - 1118)، جون Ⅱ (1118 - 1143)، مانۇئېل Ⅰ (1143 - 1180)، ئالېكسىي Ⅱ (1180 - 1183)، ئاندىرونىكا Ⅰ (1183 - 1185).
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.