Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوماراجىۋا
دائىرە: دۇنيا تارىخى鸠摩罗什
jiū mó luó shí
(350 - 409) مەنا تەرجىمىسى <ئاخىرەتلىك ئوغۇل> دېگەن مەنىدە بولۇپ، قىسقىچە <راجىۋا> ياكى <جىۋا> دەپ ئاتىغان. كېيىنكى چىن دەۋرىدە ئۆتكەن راھىپ ئۇنىڭ ئاتىسى ھىندىستانلىق، ئانىسى كۈسەنلىك. ئۆزى كۈسەندە (ھازىرقى كۇچا ئەتراپى) تۇغۇلغان. 7 يېشىدىن تارتىپ راھىپ بولۇپ، دەسلەپ ھىنايانا تەلىماتىنى، كېيىن ماھايانا تەلىماتىنى ئۆگەنگەن. غەربىي يۇرتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كەزگەن. مىلادى 401 - يىلى (كېيىنكى چىن پادىشاھلىقى خوڭشى 3 - يىلى )، كېيىنكى چىن پادىشاھى ياۋشىن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاڭئەنگە ئالدۇرۇپ كەلگەن. كوماراجىۋا پادىشاھ ياۋشىننىڭ قوللىشى بىلەن مۇرتى سىڭجاۋ قاتارلىق 800 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ بۇددىزىمنىڭ <ماخاپراجنا پارامىتاسۇترا>، <پىرادىئانا ساردارماپوندارىكا - سۇترا>، <ئىتىكاپ دارما>، <ساتاساسترا> - قاتالىق 74 قىسىملىق نوم - سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇ ماھايانا بۇددىزىمى ئىچىدىكى ناگارجونانىڭ تەلىماتىنى سېستىمىلىق تۇنۇشتۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.